خاقان فىدان: غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشتا خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ خىتاينىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 3-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارىتى داۋاملاشماقتا.

تۈرك خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەت پىرىنسىپى بويىچە ھەل قىلىش چارىسىنى قوللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خاقان فىدان ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، فىدان باياناتىدا: «خىتاي بىلەن تۈركىيە ئاسىيادىكى ئىككى قەدىمىي مەدەنىيەت، ئاسىيانىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پىرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رەئىس شىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەن.

فىدان بۇ جەرياندا يەنە پەلەستىن مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت پىرىنسىپى بويىچە ھەل قىلىش چارىسىنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمىز. شى جىنپىڭنىڭ تىنچلىق يىغىنى چاقىرىشى ئىنتايىن مۇھىم. ئىسرائىلىيەنى قورال ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللايدىغان بەزى دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولماقتا. بىز غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەن.

فىدان كۆرۈشۈشتە يەنە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ نۇرغۇن ساھەدە ئورتاق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇشى بار، تۈركىيە خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تولۇق قوللايدۇ» دېگەن.

خاقان فىدان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلىشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەرنىڭ قەدىمىي تۈرك-ئىسلام شەھىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ جايلار خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆۋرۈكى. خەلقلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ بايلىقىمىز. ئىككى دۆلەت سودا مىقدارىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش كېرەك. تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈگىتىش توغرىسىدا كونكرېت تەكلىپلىرىمىز بار. خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى بۇ ھەپتە تۈركىيەگە بارىدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خاقان فىدان خىتاي زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، 4-، 5-ئىيۇن كۈنلىرى ئايرىم-ئايرىم ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2617 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2024 14:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق