خىتاي تىل-يېزىق سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماسلاشتۇرماقتا

شەرقىي تۈركىستاندا 2024-يىللىق تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش تەكىتلەنگەندىن باشقا، تىل-يېزىق خىزمىتى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگەندەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىبارىلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 2-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، 14-ماي 2024-يىللىق ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، 2023-يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلەنگەن ۋە بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جيەنشىن يىغىندا سۆز قىلغان.

ئۇ تىل-يېزىق كەسپىدىكىلەرنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش» كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ بىلجىرلىغان.

يىغىن ئاخىرىدا ۋاڭ جيەنشىن يەنە: «دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقئارا خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك» دەپ جار سالغان.

يىغىنغا ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى، پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەمەلدارلار، مەسئۇللار قاتناشتۇرۇلغان. ئەمما خەۋەردە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق مەزمۇن تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مىليونلىغان ئۆسمۈرلەرنى ئاتالمىش ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتايلاشتۇرۇشتىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشكە مەجبۇرلاپ كەلمەكتە.

2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «خىتاي ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى» باشلانغاندىن كېيىن، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى جايلاردا تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىش، خىتاي كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا دەرس ئۆتكۈچى خادىملار ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسى ئېچىش، ئائىلە بويىچە بىرلىكتە خىتاي ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش دېگەندەك پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەن.

خىتاي 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» ناملىق پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا ۋە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا. شۇنداقلا ئاتالمىش «مىللەتلەرنى ئۆزئارا قوشۇۋېتىش» پىكىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئومۇميۈزلۈك باستۇرماقتا.

دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئاتا-ئانىسىدىن تارتىۋېلىنغان ياكى ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىدا بولغانلىقى سەۋەبلىك بالىلار لاگېرىغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر بالىلاردىن سىرت، خىتاي يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان باشلانغۇچتىن تارتىپ ياتاقلىق ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپلەردىمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۆسمۈر پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا تەربىيەلىنىپ قالماستىن، خىتاي مەدەنىيىتى، كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2679 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2024 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق