ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرتتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ، بىر قىسىم ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ئىيۇن خىتاينىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ، خىتاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۈچ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى بايانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھەر ئىككىسى ئەبۇ مۇسا ئارىلى ۋە چوڭ، كىچىك تۇنب ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئەمما ئىران 1971-يىلىدىن باشلاپ بۇ ئۈچ ئارالنى ئىگىلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي دېڭىز قولتۇقىدىكى يەتتە ئەرەب خەلىپىلىكى ئەنگلىيەدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ۋە كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى قۇرغان. نۆۋەتتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش ھالەتتە تۇرماقتا.

ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران خىتاينىڭ تېھراندىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، خىتاينىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتتىكى ئاساسسىز پىكىرلەرنى قوللىغانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە: «ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئۈچ ئارالنىڭ دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، بىز خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىراننىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2792 قېتىم كۆرۈلدى
04/06/2024 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق