خەلقئارادا تىيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 35 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىدە 4-ئىيۇن تىيەنئەنمېن باستۇرۇش ۋەقەسى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، تەيۋەندىكى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. تەيبېيدە مۇراسىمىغا قاتناشقانلار 6000 دىن ئېشىپ كەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 4-ئىيۇن تىيەنئەنمېن مەيدانىدا تىنچ نامايىش قىلغان كىشىلەرنى قاتتىق باستۇرغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى شام يېقىپ خاتىرىلىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە 6000 دىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

نۆۋەتتە تەيۋەن خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە 4-ئىيۇن ۋەقەسىگە ئوچۇق-ئاشكارا ماتەم تۇتالايدىغان بىردىنبىر جاي بولۇپ قالغان. 4-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن تەيبېي ئەركىنلىك مەيدانىدا شام يېقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پائالىيەتكە 6000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان خوڭكوڭ ئاھالىلىرى ۋە تەيبېيدىن كەلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بىردەك 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى چوقۇم ئەستە ساقلاش كېرەكلىكىنى، تەيۋەنمۇ خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

خىتاينىڭ 35 يىل ئىلگىرى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئىجرا قىلغان قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تەشكىللەنگەن بولۇپ، خۇسۇسەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىدە 4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقىنى كەڭ-كۆلەملىك خاتىرىلىگەن. نۆۋەتتە تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان شام يېقىش مۇراسىمى خوڭكوڭ بىلەن خىتايدا قاتتىق چەكلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2651 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2024 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق