تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلماقتا.

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. ئۇ بۇ زىيارىتى بىلەن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى بولۇپ قالغان.

خاقان فىدان تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەردىن ئىبارەت ئىككى شەھەرنىڭ خىتاي مەدەنىيەت بايلىقىغا تۆھپە قوشىدىغان قەدىمىي تۈرك-ئىسلام شەھەرلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

خاقان فىدان ئۈرۈمچىدە نوغاي مەسچىتى ۋە خەلقئارا چوڭ بازارنى زىيارەت قىلغان. ئۇ يەنە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ جەرياندا رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈپ ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ باياشات ۋە تىنچ ياشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلىدىكەن. خاقان فىدان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5582 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2024 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق