شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى (8)

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت خەۋەر بۆلۈمىمىزگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار «شەرقىي تۈركىستاندىن يېڭى چىققان شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقلىرى» سەرلەۋھەلىك چاتما خەۋەر قاتارىدا بېرىلىدۇ.

مەزكۇر شاھىت ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بىر ئۇيغۇر قىز خىتاي بىلەن توي قىلىپ قالسا، خەلق ئارىسىدا «پالانى خىتاي بىلەن توي قىپتۇ» دېگەندەك گەپلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىپ كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغانلىقىنى، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىش ئەھۋالىنىڭ نورمال ھادىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، خىتاي ھەر خىل مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مۇشۇ ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىت يەنە خىتاي بىلەن مەجبۇرىي توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئۈندىدار ياكى تىك توكقا چىقىپ، چوشقا گۆشى يېگەن كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتقان ئەھۋالدا خىتاي بۇنىڭغا ماس ھالدا مەزكۇر كۆرۈنۈشلەرنى ئۈندىدار بىلەن تىك توكنىڭ باش قىسمىدا كۆرۈنىدىغان قىلىپ تارقىتىدىغانلىقىنى، بۇنى كۆرۈپ ۋىجدانى ئازابلىنىپ، نارازىلىق ئۇچۇر يازغان ياكى گەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى شۇ باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىچكى جەھەتتىكى تەقىبنىڭ قاتتىق چىڭ ئىكەنلىكىنى، ۋەزىيەت ھەققىدە نارازىلىق ئۇچۇر يوللاشلا ئەمەس، ھەتتا گەپ-سۆزدە خاتالاشقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ساقچىخانىغا چاقىرتىپ ئاۋارە قىلىۋاتقانلىقىنى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شاھىت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ: «گەرچە خىتاي يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى تاشقى كۆرۈنۈشتە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما كونترول ۋە تەقىب بەك قاتتىق بولماقتا. تور ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى قاتتىق كونترول قىلىۋېلىنغان بولغاچقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ» دېگەننى تەكىتلىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا، كۆز بوياشقا ئۇرۇنۇپ، چەت ئەلدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇرمۇش، سودا، ئوقۇش، ساياھەت قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە قاتتىق چەكلەپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 6039 قېتىم كۆرۈلدى
05/06/2024 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق