فىلىپپىن: خىتاي فىلىپپىن ئارمىيەسى ھاۋادىن تەمىنلەنگەن بۇيۇملارنى بۇلىدى

خىتاي فىلىپپىن ئارمىيەسى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىدە ھاۋادىن تەمىنلىگەن بۇيۇملارنى بۇلاپ كەتكەن بولۇپ، فىلىپپىن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن قوراللىق قىسىمىنىڭ ئىشتاب باشلىقى رومىيو بىراۋنېر 4-ئىيۇن خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسى ئۆز خادىملىرى ئۈچۈن ھاۋادىن تاشلىغان تۆت تاغار يېمەكلىكنىڭ بىرىنى بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. فىلىپپىننىڭ مەزكۇر دېڭىز ئارمىيەسى خادىملىرى قاراۋۇلاخانا سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن كونا ئۇرۇش پاراخوتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پاراخوت جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق بىر ئارالغا توختىتىپ قويۇلغان. خىتاي پاراخوتلىرى بۇ پاراخوتنى بىر نەچچە پاراخوت بىلەن قورشىۋالغان.

رومىيو بىراۋنېر يەنە خىتاي خادىملىرىنىڭ يېمەكلىك تاغىرىدا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بار، ئىككىنچى توماس ئارىلىدا توختىتىلغان فىلىپپىننىڭ كونا ئۇرۇش پاراخوتىغا ئىشلىتىلىدۇ، دەپ گۇمان قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراۋنېرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار تاغاردىكى نەرسىلەرنىڭ گۈرۈچ، پېچىنە قاتارلىق يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇ نەرسىلەر تاشلىۋەتكەن. خىتاي تەرەپ فىلىپپىن ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

خىتاي يىللاردىن بېرى بۇ ئاراللارنىڭ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم دەۋا قىلغان. فىلىپپىن ئارمىيەسى 1999-يىلى ئۇرۇش پاراخوتىنى مەقسەتلىك بۇ يەرگە توختاتقان بولۇپ، خىتاي ئۇنى سۆرەپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. فىلىپپىننىڭ مەزكۇر ئۇرۇش پاراخوتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي خادىملارغا تەمىنات يەتكۈزۈش ھەرىكىتى دائىم خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى بىلەن سۈركىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل دائىملىق توقۇنۇش فىلىپپىننىڭ تەمىنلەش پاراخوتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، فىلىپپىندىكى بىر قانچە خادىمنى يارىلاندۇرغان.

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2-ماي خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق ئەمەلدارى جوۋ جىيوڭنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا چارلاۋاتقان فىلىپپىننىڭ ئىككى پاراخوتىغا سۇ زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇم قىلىشتەك بۇزغۇنچىلىق قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى ھەمدە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرىدىن تالاش-تارتىشتىكى سىكاربورو ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن دەرھال ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا BBC نىڭ مۇخبىرىمۇ نەق مەيداندا بار بولۇپ، ۋەقەگە شاھىت بولغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3768 قېتىم كۆرۈلدى
06/06/2024 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق