فىداننىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىكى بايانلىرىنى خىتاي پەرقلىق خەۋەر قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، زىيارەتتىن كېيىن خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىنى تۈركىيە ئاخبارات ئورگانلىرىدىن پەرقلىق خەۋەر قىلدى.

5-ئىيۇن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونىنىڭ رەئىسى قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى يىغىنغا قاتناشقان. خىتاي تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلار ۋە قورچاق ئەمەلدارلار قاتناشقان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 5-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، ما شىڭرۈي كۆرۈشۈشتە سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭ بىلەن تۈركىيە پىرېزىدېنتى ئەردوغاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، خىتاي بىلەن تۈركىيە دوستانە ئالاقە ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئاكتىپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يەرلىك ئالاقىنىڭ كۈنسېرى قويۇقلاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»غا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى، قوللىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ماشىڭرۈي يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ: «شىنجاڭ يېڭى دەۋردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پۈتۈنلەي توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا چىڭ تۇردى... ھەر مىللەت كىشىلىرى ئانارنىڭ دانىسىگە ئوخشاش ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئارىلىشىپ كەتتى. تېررورلۇق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە زور زىيان ئېلىپ كەلدى. بىز تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا بىرلىكتە زەربە بېرىشنى خالايمىز... ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سودا سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىغان.

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، ئەنقا ئاگېنتلىقى، ساباھ گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خاقان فىدان كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مەسىلىسىنىڭ سەزگۈرلۈكىگە دىققەت قىلىشنىڭ چوڭ جەھەتتىن ھەممىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خاقان فىدان ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالغان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا بارلىق خەلقلەر باياشات ۋە خاتىرجەم ياشىسا، تۈركىيەنى ئىنتايىن مەمنۇن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خاقان فىدان يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ئاساسىدا ھايات كەچۈرۈش مەسىلىسىدە تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى تىلغا ئالغان ۋە بۇنى ھەل قىلىشنىڭ خىتايغىمۇ، باشقىلارغىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشنى ئۆزگەرتىش خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرى خاقان فىداننىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى بايانلىرىنى باشقىچە خەۋەر قىلغان بولۇپ، خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: مەن شىنجاڭغا كېلىپ، شەھەر ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل، جەمئىيەتنىڭ گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىللىرىنىڭ ياخشى قوغدالغانلىقىنى كۆردۈم، دېدى» دېيىلگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى 2019-يىلى 7-ئايدا خىتايدا زىيارەتتە بولغان تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ۋە باياشات تىنچ-ئامان ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن سۆزىنى بۇرمىلاپ خەۋەر قىلىپ، «ئەردوغان ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، دېدى» دەپ خەۋەر يازغانىدى ۋە زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغانىدى.

خاقان فىدان شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىگە بارغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە خەلقئارا بازارنى، نوغاي مەسچىتىنى، قەشقەردە بولسا ھېيتگاھ جامەسىنى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ قەشقەر كوچىلىرىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشكەن كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلغان بولۇپ، قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇر موماينىڭ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەن سالامغا جاۋاب قايتۇرالماسلىقى ۋە دۇئا قىلىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغاندا جىمجىت بولۇپ قېلىشىدەك قىسقىغىنا كۆرۈنۈش خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاشكارىلىدى.

خاقان فىداننىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان بولۇپ، BBC، ئەلجەزىرە، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان ۋە تۈرلۈك ئانالىزلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5635 قېتىم كۆرۈلدى
06/06/2024 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق