خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە ھىندىستانغا ئېتىراز بىلدۈردى

تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئۆزئارا ئۇچۇرلاشقان بولۇپ، خىتاي بۇ سەۋەبلىك ھىندىستانغا ئېتىراز بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئىيۇندىكى سايلامدا ئۈچىنچى نۆۋەت سايلانغان ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى 5-ئىيۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىڭ ئۆزىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان ۋە تەيۋەن بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوبزورچىلارنىڭ قارىشىچە، ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ بولغان ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، مودى قايتا باش مىنىستىرلىققا سايلانغاندىن كېيىنلا خىتاينىڭ يۈزىگە «كاچاتلىغان».

20-ماي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې سودا، تېخنىكا ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مودى ئۇچۇر يوللاپ لەي چىڭدېنىڭ شۇ كۈنى قىزغىن تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان ھەمدە: «بىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىسادىي-تېخنىكا شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 6-ئىيۇن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەرقانداق يوسۇندا دىپلوماتىك ئالاقىدە بولۇشىغا قارشى تۇرىمىز، بىر خىتاي پىرىنسىپى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى» دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3579 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2024 12:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق