ئامېرىكا تەيۋەنگە 300 مىليون دوللارلىق قورال سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا F-16 ئۇرۇش ئايروپىلاننىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تەيۋەنگە يېڭىدىن 300 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسى 5-ئىيۇن تەيۋەنگە ئەڭ يېڭى قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 300 مىليون دوللار ئىكەن. بۇلار ئاساسلىقى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلان زاپچاسلىرى ۋە ئاسراش زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئىككى تۈرلۈك قورال زاپچاسلىرىنى سېتىش قارارى F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئادەتتىكى ۋە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلىرى، تېخنىكىسى ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىدارىسى باياناتىدا: «قورال سېتىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھەمدە تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ھەربىي كۈچىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىشەنچلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىش ۋە رايوننىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ھەربىي تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ قورال سېتىش قارارىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ تەيۋەن ئارىلىنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن مۇداپىئە قىلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى ۋە ئالتە تۈرلۈك كاپالەتكە ئاساسەن، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ساقلىشىغا داۋاملىق ياردەم قىلىشى رايون مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە: «خىتاي كومپارتىيەسى كۈلرەڭ رايوندىن پايدىلىنىپ تاجاۋۇزچىلىقنى نورماللاشتۇرۇپ، تەيۋەننىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدىكى مەشىق بوشلۇقى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنى قىسىشقا ئۇرۇندى، شۇنداقلا تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ھوقۇقىنى چەكلىدى» دەپ كۆرسەتكەن ۋە شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنى تەيۋەنگە قارىتىلغان ھەر خىل نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى توختىتىشقا چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بۇ قېتىم سېتىشقا قوشۇلغان ئاۋىياتسىيە ماتېرىياللىرى، زاپچاسلىرى ۋە قوشۇمچە زاپچاسلار تەيۋەن كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى پۇختىلايدىكەن ۋە تولۇقلايدىكەن ۋە شۇنداقلا مۇداپىئە ھەرىكىتى ۋە جەڭ تەييارلىقى مەشىقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3766 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2024 12:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق