خىتايلارنىڭ بايرىمى ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق مەجبۇرىي تېڭىلماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ بايراملىرىنى چەتكە قېقىپ، خىتايلارنىڭ بايراملىرىنى تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرى بىلەن زورلاپ تېڭىپ كەلگەنىدى. خىتاي بۇ يىلمۇ ئۇيغۇرلارغا خىتاي بايراملىرىنى مەجبۇرىي تەبرىكلەتكۈزگەن بولۇپ، 4-ئىيۇندىن باشلاپ «بىزنىڭ بايرىمىمىز - دۇەنۋۇ» باش تېمىسىدىكى ئاتالمىش «مەدەنىيەت پائالىيىتى»نى باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4-ئىيۇن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون»نىڭ 2024-يىللىق «بىزنىڭ بايرىمىمىز - دۇەنۋۇ» باش تېمىسىدىكى پائالىيىتى سانجى شەھىرىدە باشلانغان.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، ئۆزلىرىگە خاس دىنىي، مىللىي بايرامدىن يىراقلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە، ئاتالمىش «مەدەنىيەتنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈش - دۇەنۋۇنى ھېس قىلىش» «خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىش - غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى دۇەنۋۇ» «مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش - دۇەنۋۇدىن خۇشال بەھرىلىنىش» «مۇلازىمەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش - مېھىر-مۇھەببەت بىلەن دۇەنۋۇنى ئىللىقلىققا تولدۇرۇش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك بۆلەكلەر باش تېما پائالىيەتلىرىنى تەسىس قىلغان.

پائالىيەتتە خىتايلارنىڭ «چۇ نەزمىلىرى» «جۈزە دەرىخىگە مەدھىيە» قاتارلىق شېئىرلىرىنى يېزىش، دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىقلار ئورۇندالغان. «دۇەنۋۇ بايرىمى پەقەت بىر بايرام بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىر خىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتۇر. ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دەپ جار سېلىنغان.

ئاتالمىش «بىزنىڭ بايرىمىمىز - دۇەنۋۇ» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەر باشلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى جايلاردا يېڭى مەركەز، پونكىتلار تەسىس قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان.

دۇەنۋۇ بايرىمى خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بىرى بولۇپ، خىتاي بۇ خىل بايراملىرىنى مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز كىملىكىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالىيەت سىياسىتى بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش، سىڭدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش يېڭى قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلماقتا. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى. ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ھويلا-ئارام، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى، بايراملىرى قاتتىق چەكلىمىگە، ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى.

خىتاي نۆۋەتتە خىتاي بايراملىرىنى مەجبۇرىي تەبرىكلەتكۈزۈش جىنايىتىنى ئاتالمىش «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» (يەنى ئاتالمىش خىتاينى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، خىتايچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش)، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى بىلەن باغلاپ ئىجرا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5654 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2024 12:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق