تەيۋەننىڭ دەرسلىك كىتابلىرى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

خىتاي تەيۋەننىڭ دەرسلىك كىتابلىرىنى «تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى دەرسلىكى» دەپ تەنقىد قىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار تەيۋەننىڭ تارىخ دەرسلىكىدە ئاتالمىش «بۈيۈك خىتاي تارىخى قارىشى»دىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 7-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي-تەيۋەن مۇناسىۋىتى جىددىي بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەننىڭ تارىخ دەرسلىكلىرى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان. ئالدىنقى ھەپتە تەيۋەننىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى ئۆتكۈزگەن ئوچۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، بىر قىسىم پىروفېسسورلار نۆۋەتتىكى دەرسلىكنى تەنقىد قىلغان.

شۇ كۈنى، خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى CCTV ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلىپ، دېموكراتىك گۈللىنىش پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى دەرسلىكى»نى ئىشلىتىپ، ياشلارنىڭ مېڭىسىنى يۇغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئەمما بىر قىسىم تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى تەيۋەننىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدىكى خىتاي ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئازايتىلمىغانلىقىنى، ئەمما ئاتالمىش «بۈيۈك خىتاي» پىكرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، خىتاي تارىخىنى تېخىمۇ ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن بايان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قايتا قويۇلغان «نېمىشقا قايتمايدۇ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، سىن ئالغۇچى تەيۋەن كوچىلىرىدا ئەمدىلا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمتىھانىنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تارىخى توغرىسىدا سوئال سورىغان. بەزى ئوقۇغۇچىلار بۇ سوئالغا جاۋابەن خىتاي تارىخى ئىمتىھانىدا پەقەت بىر-ئىككى سوئال بارلىقىنى بىلدۈرسە، بەزى ئوقۇغۇچىلار گاڭگىراپ تۇرۇپ «خىتاي تارىخى دېگەن نېمە؟» دەپ سوئال سورىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى بۇ ھەقتە جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي مىقياسىدا ئالاھىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن. فىلىمنى قويۇپ توققۇز سائەت ئىچىدە 150 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چېكىلگەن. ۋېيبودىكى ئىزدەش تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3540 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2024 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق