مىللىي تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيەنىڭ 6-نۆۋەتلىك مىللىي تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالى 6-ئىيۇن ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودۇرۇمىدا باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن ئايرىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

فېستىۋالغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس چېدىر قۇرۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىم–كېچەك مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ھەرخىل دوپپىلار، ئۆي-بىسات مەدەنىيىتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيىتى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى، چالغۇ ئەسۋابلار كۆرگەزمە قىلىنىش بىلەن بىرگە، زىيارەت قىلغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.

مىللىي تەنتەربىيە كۈلتۈر فېستىۋالى 6-ئىيۇندىن 9-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئاتلىق چەۋەندازلار ئات بەيگىسى، ئات چاپتۇرۇش، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش، قاراباغچە ماھارەت قاتارلىق ئويۇنلارنى كۆرسىتىدىكەن.

يىللاردىن بېرى تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەر ۋە رايونلىرىدا «تۈرك دۇنياسى مىللىي تەنتەربىيە فېستىۋالى»، «خەلقئارا بالىلار فېستىۋالى» قاتارلىق ناملاردا كۈلتۈر، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر تۈركىيەنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس چېدىر قۇرۇلۇپ، سۈرەت كۆرگەزمىسى تەرىقىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىم–كېچەك، ئۆي-بىسات، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، بىناكارلىق مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7619 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2024 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق