سابىق ھەربىي خادىملار خىتاي ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى

خىتاي تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكا تەجرىبىلىرىنى ئوغرىلاۋاتقان بولۇپ، «بەش كۆز ئىتتىپاقى» سابىق كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىنى خىتاي ئارمىيەسىنى مەشىق قىلدۇرماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 7-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاينى كۈرەشچى ئايروپىلان لايىھەلەش ۋە ياساشتا ئامېرىكىنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلىدى، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن. گەرچە خىتاي ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان ياساشنى ھەر ئۇسۇل بىلەن ئىگىلىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئۇچۇش ماھارىتى ئىزچىل ناچار ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بەلكىم بۇ ھالەت ئۆزگىرىشكە باشلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىنى خىتاي ئۇچقۇچىلىرىنى مەشىقلەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدىن تەشكىللەنگەن «بەش كۆز ئىتتىپاقى» ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ غەرب ئەللىرىگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ماھارىتى ۋە تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھاۋادا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ مۇدىرى مايكېل كەيسى: «خىتاي ئۆزلىرىنىڭ ئارمىيە ساھەسىدىكى ماھارەت كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، ئاكتىپلىق بىلەن غەربنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۇچقۇچى تەربىيەلىمەكتە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يوشۇرماقتا، قوبۇل قىلغانلارنى يۇقىرى مائاش بىلەن تەمىنلىمەكتە» دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئىزچىل تەرىقىدە ھاۋا ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى كۈچلەندۈرۈۋاتقانلىقى ۋە ئاخىرىدا كۈچ ئىشلىتىپ تەيۋەننى مەجبۇرىي قوشۇۋېلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ باياناتنى مۇزاكىرە قىلغاندا: «خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىدا شەك يوق» دېگەن.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى جەنۇبىي ئافرىقا، كېنىيە، لائوس، مالايشىيا، سىنگاپور ۋە تايلاند قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتتە نامسىز مۇستەقىل مەشىق مەركىزى قۇرغان. مەركەز رايوندا قوبۇل قىلغان ئۇچقۇچىلارغا ھەر خىل ئۆزگىچە ۋە ئىلغار ئايروپىلانلارنى ھەيدەش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارغا نەچچە يۈز مىڭ دوللار مائاش بېرىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7860 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2024 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق