ياپونىيە خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ تۆت ھەربىي پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە 7-ئىيۇن خىتاينىڭ تۆت قوراللىق دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلىغا (خىتاي دياۋيۈ ئارىلى دەپ دەۋا قىلىدۇ) يېقىن تەۋەلىككە كىرىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتومات بىلەن قوراللانغان خىتاي پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.

ياپونىيە كابىنېت باش كاتىپى يوشىماسا ھاياشى 7-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «مەن خىتاينىڭ مۇددىئاسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ بىزنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىشى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ» دېگەن.

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئۆزلىرىگە تەۋە قوراللىق پاراخوتلارنىڭ خىتاي دېڭىز تەۋەسىدە چارلاۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل چارلاش دېڭىز-ئوكياننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، دېڭىز-ئوكيان ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشتا دائىملىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

ياپونىيە كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى خادىملىرى ئالدىنقى جۈمە ئەتىگەن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10:30 دىن كېيىن، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە تەۋە تۆت قوراللىق پاراخوتنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە بىرلا ۋاقىتتا كىرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 12 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئەتراپتىكى قوشنا رايونغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تۇتاش كەتكەن مەزكۇر رايون ئادەتتە بىر دۆلەتنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن تەخمىنەن 22 كىلومېتىرغا سوزۇلغان دېڭىز رايونىنى كۆرسىتىدىكەن. چەت ئەل ھەربىي پاراخوتلىرى چېگراداش رايونغا كىرەلەيدىكەن. گەرچە خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى دېڭىز يۈرۈشى قانۇنسىز ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما چېگرا رايوندا داۋاملىق تۇرۇۋېلىشى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 2016-يىلى 8-ئايدىن بۇيان دېڭىز چېگرا رايونىدا ئاپتومات بىلەن قوراللانغان تۆتتىن ئارتۇق خىتاي پاراخوتنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7540 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2024 12:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق