تۈركىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا %40 قوشۇمچە باج قويۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا %40 قوشۇمچە باج قويۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ قارار 7-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

يېڭى شەپەق گېزىتىنىڭ 8-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر قوشۇمچە باج ئېلىش قارارى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بارلىق يېقىلغۇ تۈرىدىكى يولۇچى ئاپتوموبىللىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى ماشىنىلارغا %40 قوشۇمچە باج قويۇلىدىكەن. بۇ قارار 2024-يىلى 7-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن.

رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نۆۋەتتىكى توكلۇق ئاپتوموبىللارغا قارىتىلغان %40 لىك قوشۇمچە باج بارلىق يېقىلغۇ تۈرىدىكى ئاپتوموبىللارغىمۇ تەتبىقلىنىدىكەن.

تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىغا قوشۇمچە باج قويۇشتىكى مەقسەتنىڭ ئىچكى بازاردا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە قوغداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە: «مىنىستىرلىقىمىز دۆلەت ئىشلەپچىقىرىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تاشقى سودا ۋە تەمىنلەش تەڭپۇڭلۇقى نىشانىغا ماس كېلىدىغان ئىمپورت سىياسەتلىرىنى داۋاملىق قېلىپلاشتۇرغان ھالدا يولغا قويىدۇ» دېگەن.

خىتاي رېجىمىنىڭ زور مىقداردا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، خىتاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرى باشقا دۆلەتلەردە مەھسۇلاتلىرىنى ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان بۇ قىلمىشى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. تۈركىيەدىن ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارشى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7459 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2024 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق