ئىستانبۇلدا «ياش پائالىيەتچىلەر نېمە دەيدۇ؟» تېمىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى 9-ئىيۇن تۈركىيە ياشلار ۋەقفى مەركىزىدە «ياش پائالىيەتچىلەر نېمە دەيدۇ؟» تېمىسىدا سۆھبەت تەشكىللىدى.

يىغىلىشنى تۈركىيە ياشلار ۋەقفى قوللىغان بولۇپ، پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ مويدۇنئوغلى ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئارقىدىن تۈركىيە ياشلار ۋەقفىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى، مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد مالىك تايلان، ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسىدىن ئابدۇللاھ ئارمان، سىياسىي پائالىيەتچى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللاھ، پالۋان ياشلار كۇلۇبى رەئىسى سەمەرجان سەيىد قاتارلىق ياشلار سۆز قىلدى.

يىغىلىشتا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ يىمىرىلىش جەريانىدا سادىر قىلىنغان خاتالىقلار، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان كۈرەشلەر، يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتلەرنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللاش ئەھۋاللىرى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ 2-ئەۋلادتىن يېڭى بىر ئەۋلادقا يۆتكىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاخىرىدا ياشلار قانداق ئىدىيە ۋە كۆز قاراشتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى بولۇشى كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلىپ، يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7942 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2024 13:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق