كۇچا شەھىرى بىلەن لوپنۇر ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن كۇچا شەھىرىدە يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:35 دە لوپنۇر ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.89 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 84.15 گىرادۇس) 5.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 20 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىدە 3.0 بار يەر تەۋرىگەن. خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:35 دە كۇچا شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.22 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.37 گىرادۇس) 3.0 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزى چوڭقۇرلۇقىنىڭ 19 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي ھازىرغىچە يەر تەۋرەش ئەھۋالى ھەققىدە باشقا مەلۇمات بەرمىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7774 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2024 11:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق