ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى خىتاي كانچىلىق شىركىتىنىڭ تىجارىتىنى توختاتتى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىر خىتاي كانچىلىق شىركىتىنىڭ تىجارىتىنى توختاتقان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى كانچىلىق مىنىستىرلىقى 8-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان پەرمانىدا، خىتاينىڭ ئالتۇن ۋە ئالماس قېزىش شىركىتى - داچىڭ چەكلىك شىركىتىنى (Daqing SARL) قوراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ئىستىخبارات ئۇچۇرى ھەمكارلىقى ئورنىتىش، قانۇنسىز كان ئېچىش، چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىنى باج تاپشۇرماستىن كان رايونىغا قانۇنسىز كىرگۈزۈش، پائالىيەت دوكلاتى كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىگەن.

داچىڭ شىركىتى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىدىكى مىنگالادا پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوندا دۆلەتتىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى» ئۇرۇش قىلماقتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 2013-يىلىدىن باشلاپ توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاساسلىقى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن قوزغىلاڭچى كۈچلەر 2013-يىلى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، پىرېزىدېنتنى ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. كۆپ قىسمى خىرىستىيانلاردىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچلەر بولسا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن.

2019-يىلى ھاسىل قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمى پەقەت ئۇرۇشنى ئازايتقان بولۇپ، ئىمزا قويغان 14 قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ ئالتىسى كېلىشىمدىن چېكىنگەن. ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى 2020-يىلى كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان.

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئالتۇن، ئالماس ۋە باشقا قېزىلما بايلىقلارنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىماي، دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار يېقىنقى ئون يىلدا كىرىزىسقا پېتىپ قالغان دۆلەتتە ھەرىكەت قىلىپ، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ كان تىجارىتىنى توسۇشقا تىرىشقان.

نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن چەت ئەل شىركەتلىرى خىتايلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتىكەن. خىتاي باشقۇرىدىغان ئالتۇن كانى ئالدىنقى ئايدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، تۆت خىتاي ئىشچى ئۆلگەن. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقى قوزغىغان. ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى يەنە بىر ئالتۇن كانىدا توققۇز خىتاي ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت ئوخشاشلا قوزغىلاڭچىلار ئىتتىپاقىنى ئەيىبلىگەن. 2020-يىلى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى خىتاي باشقۇرىدىغان كان يەرلىك ئاھالىلەر باشچىلىقىدىكى قارشىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىككى خىتاي ئۆلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 7842 قېتىم كۆرۈلدى
11/06/2024 12:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق