خىتاينىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تېزلىكتە كېڭەيمەكتە

خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ تەرەپ ئارا كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادىي، سىياسىي تەسىرىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئىيۇن خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تۈر يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىن باشلىنىپ، تورغات تاغ ئېغىزى ئارقىلىق قىرغىزىستانغا كىرىدىكەن. ئاندىن غەربتە قىرغىزىستان چېگراسىدىكى كىچىك شەھەر قاراسۇ ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مۇھىم شەھەر ئەنجانغا يېتىپ بارىدىكەن. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

خەۋەردە خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى پۈتسە، بۇ يولنىڭ ئاسىيادىن ياۋروپا ۋە پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە بارىدىغان يېڭى تىرانسپورت لىنىيەسىگە ئايلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبىي قىسىم يولى بەرپا بولۇپ، يېڭى قۇرۇقلۇق - دېڭىز يولى بەرپا قىلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئومۇمىي قاتناش تورى مۇكەممەللىشىدىغانلىقى، بۇنىڭ لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھمىيىتى بارلىقى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا ئەركىن سودا سىناق رايونى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن بولۇپ، بۇ يولنى خىتاي ئاتالمىش «ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە خىتاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» دەپ ئاتىۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 1997-يىلى خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى پىلانىنى تۇنجى قېتىم «ياۋروپا - كاۋكاز - ئاسىيا تىرانسپورت كارىدورى (TRACECA)» تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى خىتاي، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ئۈچ تەرەپ خىتاي- قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر تۆمۈريول تۈرىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلگەن.

خىتايلار 2021-يىلى 3-ئايدا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى تىك توك ئارقىلىق «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىدى» دېگەن سەپسەتىنى تارقىتىشقا باشلىغانىدى.

خىتايلار سىندا: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان... قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنسىڭىز بەش دۆلەتكە بىمالال بارالايسىز. چۈنكى تاڭ، يۈەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەزكۇر بەش دۆلەت خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. شائىر لى بەي قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان» دەپ جار سېلىشقانىدى.

2020-يىلىمۇ خىتاي تور بەتلىرىدە «قازاقىستان نېمە ئۈچۈن ۋەتەن قوينىغا قايتمايدۇ؟» سەرلەۋھەلىك يازمىلار يوللىنىپ، خىتاينىڭ رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئاخىرىدا قازاقىستان تەرەپ خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر يازمىلار تور بەتتىن ئۆچۈرۈلگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە خىرىس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ خىتايدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاي ئالدى بىلەن ئاسترىتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن تولۇق تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 280 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2024 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق