ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى: خىتاي-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىدە داۋاملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سۇبراخمانيام جايشانكار 11-ئىيۇن ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ماجىراسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت بىلەن ھىندىستان چېگراسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3800 كىلومېتىر بولۇپ، نۇرغۇن بۆلەكلەردىكى چېگرا بۆلۈش لىنىيەسى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتنى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان خىتاي چېگرا رايونىدا ھىندىستان بىلەن ئۈزلۈكسىز چېگرا ماجىراسى قىلغان. دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ خىتاي بىلەن ھىندىستان ھەر ئىككىسى يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپ 1962-يىلى چېگرا ماجىراسى ۋە تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئەمەلىي چېگرا كونترول لىنىيەسىدە ئۈزلۈكسىز توقۇنۇش ۋە سۈركىلىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، چېگرا ماجىراسى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىنى يوقاتقان بولۇپ، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى 15-ئىيۇن لاداخ رايونىدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىدە ، تۆمۈر كالتەك بىلەن قوراللانغان خىتاي ئارمىيەسىنىڭ سان جەھەتتە ئەۋزەللىكى بىلەن تۇيۇقسىز ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 20 ھىندىستان ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

2019-يىلى خىتاي-ھىندىستان چېگراسى داۋاملىق جىددىيلەشكەن. شۇ يىلى 9-ئايدا غەربىي چېگرادىكى پانگۇڭ تسو  ئەتراپىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇش رايونلىرىدا يەنىلا ئونمىڭلىغان ئەسكىرى بار بولۇپ، ئۇلار زەمبىرەك، تانكىلار بىلەن قوراللانغان.

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ زېمىن تالاش-تارتىشىشى داۋاملىق كۈچەيگەن بولۇپ، ئارمىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. خىتاي ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدىكى بازىسىنى زور خىراجەت بىلەن يېڭىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇش يولىنى ئۇزارتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن گالۋان ۋادىسىغا يېقىن (2020-يىلىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن جاي) تىبەتنىڭ رىتۇ ناھىيەسىدىكى پانگۇڭ تسوغا يېقىن جايدا يېڭى تىك ئۇچار ئايرودۇرۇمى ياسىغان. خىتاي چېگرادىكى جىددىيچىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھىندىستانغا ئارتقان بولۇپ، كۆپ قېتىملىق ھەربىي ۋە دىپلوماتىك سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئىككى تەرەپ چېگرادىكى كۆپ خىل توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئورۇندىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق سۈركىلىش ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 379 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2024 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق