ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 7-ئايدا خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر  قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 12-ئىيۇن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرگە 7-ئايدىن باشلاپ ئىمپورت قىلىنغان خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىدىن %25 ۋاقىتلىق قوشۇمچە باج ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى خىتاي رېجىمىدىن تولۇقلىما ئالىدۇ، بۇ ياۋروپادىكى رىقابەتچىلەرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ، دەپ قارىغان. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلە ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا ۋاقتىنچە جاۋاب قايتۇرمىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن قەرەللىك ئاخبارات يىغىنىدا: « تولۇقلىما ياردەمگە قارىتىلغان بۇ تەكشۈرۈش تىپىك سودا قورۇقچىلىقى» دەپ جار سالغان.

ئامېرىكا ئالدىنقى ئايدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ تاموژنا بېجىنى %25 تىن %100 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. تۈركىيەمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارغا %40 قوشۇمچە باج قويۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، 7-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ زور مىقداردا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى نەتىجىسىدە، خىتاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرى باشقا دۆلەتلەردە مەھسۇلاتلىرىنى ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان بۇ ئەخلاقسىز سودا قىلمىشى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 453 قېتىم كۆرۈلدى
10/07/2024 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق