شەرقىي تۈركىستاندىكى تېببىي خادىملارنىڭ «ئەزا كۆچۈرۈش ئۇۋىسى»نى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىدىن بىرى بولغان مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى يېقىنقى يىللاردا قاتتىق ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تېببىي خادىملارنىڭ گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى «ئەزا كۆچۈرۈش ئۇۋىسى»غا ئۆگىنىشكە بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار تېببىي خادىملارنى ئېلىپ، گۇاڭشى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 2-دوختۇرخانىغا زىيارەتكە بارغانلىقى، ئۇلار بۇ جەرياندا ئەزا تەقدىم قىلىش ۋە كۆچۈرۈشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ئەزا كۆچۈرۈش بۆلۈملىرىنىڭ مەشغۇلات ئەندىزىسى ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان.

زىيارەت جەريانىدا گۇاڭشى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 2-دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئەزا كۆچۈرۈش تېخنىكىلىرى ۋە ئىلغار ئۈسكۈنىلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، ئۆز دوختۇرخانىسىنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئەۋزەل بايلىق»نى بىرلەشتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، ئىككى دوختۇرخانا ئەزا كۆچۈرۈش جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئۇل سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭشى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق 2-دوختۇرخانا مەخسۇس ئەزا كۆچۈرۈش تەتقىقاتىغا مەركەزلەشكەن، بۇ جەھەتتە خىتايدا ئېتىراپقا ئېرىشكەن دوختۇرخانا بولۇپلا قالماي، يەنە 2016-يىلى خىتايدا تۇنجى بولۇپ ئىنستىتۇت دەرىجىلىك ئەزا تەقدىم قىلىش باشقۇرۇش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان. مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ يىللىق ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيە سانى خىتاي بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىپ قىرغىن قىلىشى، بۇ ئارقىلىق غايەت زور كىرىم قىلىشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار بۇ ۋەھشىيانە جىنايەتنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.

ئەنگلىيە خەلق سوتى 2019-يىلى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىپ، زور كۆلەملىك ئورگان سودىسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.  2021-يىلى 6-ئايدا ب د ت نىڭ ئوندىن ئارتۇق ئىنسان ھەقلىرى مۇتەخەسسىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، تىبەتلەر، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلارغا قارىتىلغان ئەزا ئوغرىلاش جىنايىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ جىنايەتلەرنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 2807 قېتىم كۆرۈلدى
08/08/2024 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق