خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ شىركەتلەر دىققىتىنى دىققىتىنى ھىندىستانغا ئاغدۇرماقتا

غايەت زور نوپۇسقا ئىگە ھىندىستان نۆۋەتتە كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ يېڭى نىشانىغا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتايدىكى ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق سەۋەبلىك يېتەلمىگەن نىشانىنى ھىندىستان بازىرى ئارقىلىق تولۇقلاشقا تىرىشماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازاردا تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارالىق گىگانت شىركەتلەر دىققىتىنى ھىندىستان بازىرىغا قارىتىشقا باشلىغان. ئۇلار پەرقلىق تەم، ئۆلچەملەر ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ غايەت زور نوپۇسىنى، بازىرىنى جەلپ قىلىشقا تىرىشقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچىملىك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كۆپلىگەن خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ خىتايدىكى بازار ئۈلۈشى تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار خىتايدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى، ھىندىستاننىڭ بولسا ئىستېمال بازىرىغا نىسبەتەن ساغلام ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ئالدىنقى ئون يىلدا ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ دىققىتىنى خىتاي بازىرىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى، ئەمما كەلگۈسى ئون يىلدا مەھسۇلاتلىرىنى ھىندىستاندا ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 2300 قېتىم كۆرۈلدى
09/08/2024 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق