خىتاي «قەشقەر ئەركىن سودا رايونى»دىن زور مەنپەئەتكە ئېرىشمەكتە

خىتاي بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە قۇرغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان «ئەركىن سودا سىناق رايونى» ئارقىلىق زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 8-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە 5-مەيدان ئاتالمىش «شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن جەريانىدا قەشقەردىكى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

خىتاي ئەمەلدارلىرى قەشقەر ئەركىن سودا سىناق رايونى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى، قەشقەر چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىن ئىبارەت «تۆت رايون گىرەلىشىش» ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تىجارەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقى ھەققىدە ماختانغان.

خەۋەردە ئالدىنقى يېرىم يىلدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 56 مىليارد 432 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 67.2 ئاشقانلىقى، قەشقەر ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ھازىرغا قەدەر 2000 دىن ئارتۇق كارخانىنى جەلپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە قەشقەر ۋىلايىتىدە قونجىراپ، قاراسۇ، تورغات، ئەركەشتام ۋە قەشقەر ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان بەش چېگرا ئېغىزى بارلىقى، قەشقەرنىڭ خىتايغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم تايىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكى،  خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغا كىرىشىدىكى خەلقئارا ئالتۇن يولى ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي رېجىمى بۇلتۇر 11-ئايدا قەشقەر ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان شىركەت كارخانىلارغا ئىجازەتنامە تارقىتىپ بەرگەنىدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى گۇمان قوزغىغان بولۇپ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئەركىن سودا رايونلىرى»نىڭ يېڭى نۇسخىدىكى جازا لاگېرلىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. ئالىي تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزمۇ قەشقەردىكى ئەركىن سودا رايونىغا ئورۇنلاشقان ھەرقانداق شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 2607 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2024 13:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق