خىتاي يەنە بىر قېتىم ئالەم بوشلۇقىنى بۇلغىدى

خىتاي بۇ ھەپتە قويۇپ بەرگەن بىر راكېتا ئالەم بوشلۇقىدا پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇششاق پارچىلىرىنىڭ يەرشارى ئوربىتىسىدىكى مىڭدىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھقا سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شاڭخەي يۈەنشىن سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 6-ئاۋغۇست 18 سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن. مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھلار خىتاينىڭ «G60 يۇلتۇز زەنجىرى پىلانى»نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەزكۇر پىلان ئامېرىكا SpaceX شىركىتىنىڭ يۇلتۇز زەنجىرى (Starlink) بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئېلىپ ماڭغان راكېتا ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇششاق پارچىلىرىنىڭ مىڭغا يېقىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مەزكۇر پارچىلار يەر يۈزىگە 800 كىلومېتىر كېلىدىغان ئوربىتىدا ئالەم بوشلۇقى ئەخلىتى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، نەچچە يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن.

ھازىرچە مەزكۇر راكېتانىڭ ئالەم بوشلۇقىدا باشقا جىسىملارغا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكى ياكى يېقىلغۇسى سەۋەبلىك پارتلاپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر كۆپلىگەن سۈنئىي ھەمراھلار جايلاشقان ئوربىتىدىكى 1100 دىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھ ۋە باشقا ئالەم بوشلۇقى جىسىملىرىنىڭ خىتاينىڭ راكېتا پارچىلىرىغا سوقۇلۇپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، سوقۇلۇشتىن كېيىنكى زەنجىرسىمان تەسىر ھەققىدە ئەندىشە قوزغالغان.

بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىنى بۇلغىشى ئەمەس بولۇپ، 2022-يىلىمۇ خىتاينىڭ بىر راكېتاسى ئالەم بوشلۇقىدا پارچىلىنىپ كەتكەنىدى. بۇ سەۋەبلىك خىتاي ئالەم بوشلۇقى ئەخلەتلىرىنى كۆپەيتكەنلىكى، ئالەم بوشلۇقى ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشى كونترول قىلمىغانلىقى ھەققىدە تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.

بۇ خەۋەر 2222 قېتىم كۆرۈلدى
10/08/2024 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق