تارقالغان سىن ۋە ئىنكاسلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاز بىر قىسىم سىنلار داۋاملىق تارقىلىۋاتقان بولۇپ، سىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قايغۇلۇق ئىنكاسلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ قىرغىن قىلىش جىنايىتىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم ئىجتىمائىي ئۇچۇر ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە جازا لاگېرلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلار ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇتقۇن قىلىش داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى يىللاردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

مەزكۇر سىندا «يەتتە يىلدىن بېرى كۆرۈشەلمىدۇق» دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ، تۈرمە ياكى جازا لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. يەتتە يىلدىن بېرى جەم بولالمىغان بىر ئائىلە ھاياجان ۋە خۇشاللىق ياشلىرى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن.

مەزكۇر سىنغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ بىرىدە بىر ئايالنىڭ يەتتە يىل ساقلاپ ئاخىر توي قىلماقچى بولغاندا ئېرىنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقى يېزىلغان. يەنە بىر ئىنكاس يازغۇچى دادىسى، ئانىسى، ئىنىسى، ئاچىسىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد ئىچىدە ساقلاۋاتقانلىقىنى يازغان. يەنە بىر ئىنكاستا ئۇيغۇر ئايال يەتتە يىلدىن  كېيىن ئېرى بىلەن كۆرۈشۈشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى يازغان.

باشقا ئىنكاسلاردىمۇ بىر ئۇيغۇر كىشى ئانىسى بىلەن كېلەر يىلى 10-ئايدا كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى، يەنە بىر كىشى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يەتتە يىل ساقلىشى كېرەكلىكىنى، يەنە بىرسى 243 كۈندىن كېيىن ئايالى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى، يەنە بىر كىشى ئانىسى ۋە دادىسى، ئۇندىن باشقا جىيەن ئوغلىنى 10 نەچچە يىل كۈتۈشى كېرەكلىكىنى، يەنە بىر كىشى يەتتە يىل ساقلىغانلىقىنى، يەنە سەككىز يىل ساقلىشى كېرەكلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك كېچىلىرى كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقانلىقىنى يازغان.

يەنە بىر ئىنكاستا بولسا بىر ئۇيغۇر گۆدەكلىك چاغلىرىدا ئويۇنچۇق ۋە باشقا نەرسىلەرنى تالىشىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزگەندە تەربىيە قىلىدىغان، خەجلەش ئۈچۈن پارچە پۇللارنى بېرىدىغان ئاكىسىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئاكىسى بىلەن جەم بولىدىغانلىقىنى ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى يازغان. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل باھانە ۋە تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا قاماشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستانغا چەت ئەلدىن ھەر ساھە كىشىلىرىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشتىكى رەزىل مەقسىتىنىڭ پەقەت خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئىكەنلىكىنى، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2783 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2024 01:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق