تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىلى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسى ئالاقە مۇناسىۋەت مەسئۇلى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر ماراكەشتە ئېچىلغان «ئىسلام دۇنياسى ياشلار ئۇچرىشىشى»غا ئىشتىراك قىلىۋاتقان بولۇپ، 27-ئاۋغۇست يەنە ماراكەشتە گۇناھسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى مېي سىمائىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ماراكەشتە ئۈچ يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان مەكتۇپ ۋە ھۆججەتنى ئالاقىدار مەسئۇللار ئارقىلىق ماراكەش پادىشاھىغا يەتكۈزۈشتىن سىرت، ماراكەش دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ زۆرۈر تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ۋە شۇنداقلا ئىدرىس ھەسەننىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئائىلىسى ئىدرىس ھەسەنگە تاپشۇرۇشنى ھاۋالە قىلغان ئامانەتلەرنى يەتكۈزگەن.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەييارلىغان مەزكۇر مەكتۇپ ۋە ھۆججەتلەردە ئىدرىس ھەسەننىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشى ئۈچۈن، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن ئىسلامىي قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانىي مېھىر-شەپقەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

ئىدرىس ھەسەن 2021-يىلى 19-ئىيۇل خىتاينىڭ تەلىپى، جۈملىدىن ئىنتېرپول خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبلىك، ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغانىدى.

ئىلگىرى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلار ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ماراكەش ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ئىدرىس ھەسەن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنى توسۇش ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 2648 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2024 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق