ياۋروپا ئىتتىپاقى فىلىپپىن مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىدى

خىتاينىڭ دېڭىز رايونىدىكى زومىگەرلىك قىلمىشلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا قاراتقان خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە جەنۇبىي دېڭىزدا بىر قاتار يېڭى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى جوسېپ بورېلنىڭ باياناتچىسى نابىلا ماسسرالى 1-سېنتەبىردىكى باياناتىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ سابىنا ئارىلى رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئەيىبلەيدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى شەنبە كۈنىدىكى ۋەقەنىڭ تالاش-تارتىشتىكى سابىنا ئارىلىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دېڭىز قىرغىقى توقۇنۇشىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ ۋەقەلەر دېڭىزدىكى ھاياتىي بىخەتەرلىككە خەپ ئېلىپ كېلىدۇ ھەمدە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئەركىن يۈرۈش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارا قانۇننىڭ بۇ پىرىنسىپلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان بارلىق قانۇنسىز ۋە مەجبۇرلاش ھەرىكەتلىرىنى كەسكىن ئەيىبلەيدۇ» دېيىلگەن.

گەرچە خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىزچىل دەۋا قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس 2022-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللار ۋە خادا تاشلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ قەتئىي ھالدا تەلەپ قىلىشقا باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1213 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2024 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق