خىتاي ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبلىك ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشنى ئازايتتى

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشنى ئازايتىشقا باشلىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2024-يىللىق خىتاي-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى 4-سېنتەبىردىن 6-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بۇ يىغىننىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ دىپلوماتىك يىغىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

فىرانسىيە «تېز خەۋەرلىرى» 2-سېنتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئافرىقىغا مەبلەغ سېلىشنى ئازايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. گېزىت يەنە بۇ ھەپتىدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي تەسىر ۋە ئافرىقىدىكى تەبىئىي بايلىقلارغا ئېرىشىش رىقابىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە ئۆتكەن 20 يىلدا خىتاينىڭ نەچچە يۈز مىڭلىغان ئىشچى ۋە ئىنژېنېرنى ئافرىقىغا ئەۋەتىپ، چوڭ تۈرلەرنى قۇرغانلىقى، بولۇپمۇ مىس، ئالتۇن ۋە لىتىي بايلىقىغا ئېرىشكەنلىكى، خىتاي بانكىلىرىنىڭ قەرزى ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئۇل ئەسلىھەنىڭ (تۆمۈر يول، پورت، يول قاتارلىقلار) كۆپ قىسمىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ قەرز بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى، جۈملىدىن زامبىيە، ئېفىيوپىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى تۈرلەر يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. مەسىلەن گانا خىتاي تەرەققىيات بانكىسىدىن 200 مىليون دوللارغا يېقىن قەرز ئېلىپ، 12 پورت ۋە بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چۈشۈرۈش نۇقتىسى قۇرغان. ئەگەر بۇ تەدبىرلەر خىزمەت پۇرسىتى ياراتسا، بېلىقچىلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1268 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2024 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق