خىتاي دېڭىز ئاستى جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى بايقىغانلىقىنى دەۋا قىلدى

خىتاي چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدا پاراخوت ۋە ماياكلارنى بايقايدىغان جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرى بايقىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 29-ئۆكتەبىر مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ دېڭىز ئۈستى ۋە دېڭىز ئاستىدا جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى بايقىغانلىقىنى، بۇ ئۈسكۈنىلەر چەت ئەل سۇ ئاستى ۋە سۇ ئۈستى پاراخوتى ۋە «ماياك» قاتارلىقلارنى بايقايدىغان ھەمدە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ چوڭقۇر دېڭىز بىخەتەرلىكىگە ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئۈندىدار ھېساباتىدا چوڭقۇر دېڭىزدا بىخەتەرلىك توسىقى قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت دېڭىز ئاستىغا يوشۇرۇنغان «ئالاھىدە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر»نى بايقايدىغانلىقىنى، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ جەڭ مەيدانى ۋە مۇھىتىدا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ھەققىدە ئۇچۇر تەمىنلەش ئۈچۈن ئورنىتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ماقالىدە چەت ئەلدىكى جاسۇسلۇق ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىنى رازۋېدكا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، بىر قاتار ئاخبارات توپلاش ۋە تېخنىكىلىق مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقى، خىتاي ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىتا جاسۇسلۇق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل ئالاھىدە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى بايقىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، بىراق جاسۇسلۇق ئۈسكۈنىسىنىڭ قەيەردىن تېپىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتى ساھەسىدىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشكەن بولۇپ، 2029-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي يېڭى بىر ئەۋلاد يادرو ئېنېرگىيەلىك قورال سەپلەنگەن سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي بىلەن فىلىپپىن يېقىندا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم دېڭىز يولى دائىرىسىدىكى تالاش-تارتىش ۋە زېمىن تەلىپى سەۋەبىدىن دېڭىز ۋە ھاۋادا تىركىشىش ھالىتى شەكىللەنگەن. خىتاي نۆۋەتتە بىرۇنېي، مالايشىيا، فىلىپپىن ۋە ۋىيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارنى قاپلانغان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەممىسىدە زېمىن دەۋاسى قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1344 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2024 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق