خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلدى

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان توكلۇق ئاپتوموبىللارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىر يىل داۋاملاشقان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي رېجىمىنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە زور مىقداردا تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىنى، بۇ قىلمىشنىڭ ياۋروپا ماشىنا سانائىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى ۋە ئالدىنقى ھەپتە خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا %35.3 كە يېتىدىغان قوشۇمچە تاموژنا قويۇش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر قارار رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان بولۇپ، مۇددىتىنىڭ بەش يىل ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. بۇ قاراردىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي سودا مىنىستىرلىقى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى دەۋا قىلغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 4-نويابىر دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەققىدە ئەرز سۇنۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا تەدبىرلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكىنى، تولۇقلىما بېرىشكە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، سودا قورۇقچىلىقى ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى، خىتاي ھەققىدىكى قارارىنىڭ پاكىت ۋە قانۇنىي ئاساسى كەمچىل ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي ئالدىنقى ئايدا يەنە تۈركىيەنىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللارغا ۋە باشقا ماشىنىلارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش ۋە ئىمپورت ئىجازەتنامە چەكلىمىسى تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا شىكايەت قىلىپ، كېڭىشىش ئىلتىماسى سۇنغانىدى. خىتاي تۈركىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە باشقا ماشىنىلارغا %40 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى ھەمدە ئىمپورت ئىجازەتنامىسى چەكلىمىسى قويغانلىقىنى، بۇ تەدبىرنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ قارارىنىڭ تىپىك سودا قورۇقچىلىقى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، ئوخشاش ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىغا زور مىقداردا تولۇقلىما بېرىشى، خۇسۇسەن نۆۋەتتىكى مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى بولغان توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىنى ئادىل بولمىغان ئۇسۇللار بىلەن قالايمىقان قىلىش كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ، خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 2918 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2024 11:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق