شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەر ساھەدە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا

تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجى 1-نويابىر مالايشىيادا ئامانا نېگارا پارتىيەسى ياشلار شۆبىسىنىڭ رەئىسى ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى ھاسبى مۇدا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ مالايشىيا ۋە خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئىجرا قىلىدىغان ئورتاق پىلان تۈرلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئاياللار ۋە ئائىلە خىزمىتى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تەكلىپكە بىنائەن، 3-نويابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆچمەنلەر ۋە ئاياللار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. تۈركىيە ئائىلە مىنىستىرلىقى، ئىستانبۇل كۆچمەنلەر ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئادۋوكاتلار، قانۇنشۇناسلار، ژۇرنالىستلار ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى ۋە ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەردان ئۇيغۇر ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ياش ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 1-نويابىر تۈركىيەدىكى مۇھىم ئورگانلارنىڭ بىرى بولغان تۈركسوي تەشكىلاتىنى (TÜRKSOY) زىيارەت قىلدى.

زىيارەتچىلەرنى تۈركسوينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سەيىد يۈسۈپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. سۆھبەت جەريانىدا مەردان ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. سەيىد يۈسۈپ ئەپەندى تۈركىيە دۇنياسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ بىر تەشكىلات سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھەرۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 4513 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2024 11:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق