خىتاي ئىشچىلىرى پاكىستاندا يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

يېقىنقى يىللاردا پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشى خىتاينىڭ سودا پىلانلىرىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە يەنە ئىككى خىتاي كاراچى شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ 5-نويابىر بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى كاراچىغا جايلاشقان بىر زاۋۇتتا بىر ئامانلىق قوغدىغۇچى ئىككى خىتاي ئىشچىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلارنى يارىلاندۇرغان. كاراچى دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنى دەلىللىگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتىكەن.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوق چىقارغان ئامانلىق قوغدىغۇچى ۋەقەدىن بۇرۇن ئىككى خىتاي ئىشچى بىلەن قاتتىق تاكاللىشىپ قالغان ۋە ئۇرۇشقان. ئىككى خىتاي قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، بىرسىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.

بۇ پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا كاراچى شەھىرىدە جىنناھ خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا خىتاي ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىككى خىتاي ئۆلگەنىدى.

ئۇندىن باشقا، بۇ يىل 26-مارت بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى ماشىنىسىنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توسما قۇرۇلۇشىغا كېتىۋاتقان خىتاي ماشىنا ئەترىتىگە سوققان بولۇپ، ماشىنىدىكى بەش خىتاي، بىر پاكىستانلىق شوپۇر ئۆلگەنىدى.

بۇ بىر قاتار ھۇجۇملار خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. پاكىستان تەرەپمۇ كۈتۈلمىگەن تەرىقىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئەنئەنىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

بۇ خەۋەر 3172 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2024 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق