كانادا بىخەتەرلىك خەۋپى سەۋەبىدىن TikTok نى چەكلىدى

كانادا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى TikTok نى بىخەتەرلىك خەۋپى سەۋەبىدىن چەكلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 6-نويابىر كانادا يېڭىلىق، پەن ۋە سانائەت مىنىستىرى فرانسوئىس فىلىپپې چامپاگنې بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئەپ دېتالىنىڭ كانادا ئۈچۈن بىخەتەرلىك خەۋپى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك TikTok نىڭ كانادادىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە TikTok سۇپىسىنىڭ تورونتو ۋە ۋانكوۋېردىكى شىركەت ئىشخانىلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كانادا پۇقرالىرى TikTok ئەپ دېتالىنى داۋاملىق ئىشلىتەلەيدىكەن، ئەمما TikTok شىركىتىنىڭ كانادادىكى تارمىقى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، سودا پائالىيەتلىرىگە يول قويۇلمايدىكەن.

TikTok ئەپ دېتالىنىڭ خىتايغا شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر ۋە ئەندىشىلەر سەۋەبلىك، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا، تۈركىيە، ھىندىستان، پاكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە TikTok ئەپ دېتالى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چەكلەنگەن. خىتاي ۋە TikTok نىڭ باش شىركىتى بولسا بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، TikTok ئەپ دېتالى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ئۇيغۇر قىز نەفىسە ئوغۇزنىڭ تۈركىيەدىكى خىتايپەرەس سىياسەتچى دوغۇ پېرىنچەككە كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان ۋىدىيوسى TikTok سۇپىسىدىن ئۆچۈرۈلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 3445 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2024 19:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق