ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

 7-نويابىر ئىستانبۇلغا جايلاشقان ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككىنچى قېتىملىق خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر تېبابىتى، دورىگەرلىكى ساھەسىدىكى شەخسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى پىروفېسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تېبابىتى خىتاينىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى، يىغىننىڭ مەقسەتلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى بۆلۈم مۇدىرى قاتارلىق زاتلار سۆز قىلدى.

بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ھىندىستان، پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، بېنگال قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن يىغىنغا قاتنىشالمىغان مۇتەخەسسىسلەر تەبرىكنامە يوللاپ، خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تۈرك مېھمانلارمۇ سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتكە، خۇسۇسەن ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ يىغىننىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. يىغىندا ئۇستازلار تەييارلىغان ئون نەچچە ماقالە مۇھاكىمە قىلىندى ۋە بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەر ۋە مېھمانلارغا تەقدىرنامە تارقىتىلدى.

تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا ئۇيغۇر تېبابىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 2019-يىلى 29-دېكابىر ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي ئۇيغۇر تېبابىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە رېتسېپلارنى ئوغرىلاپ، مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ مۇھىم تارىخىي مىراسلىرىنى قوغداش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

بۇ خەۋەر 4696 قېتىم كۆرۈلدى
08/11/2024 15:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق