ئۇيغۇر پۇتبولچىنىڭ خىتاي دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ خەلقئارادا نام چىقىرىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى داۋامىدا، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىمۇ جازا لاگېرىغا سولىغانىدى. يېقىندا بىر ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرىنىڭ خىتاي دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي پۇتبولچىلار جەمئىيىتى U-19 دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ 2024-يىللىق 7-قارارلىق مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. تىزىملىككە ئۇيغۇر پۇتبولچى ئىمران مەمەتمۇ كىرگۈزۈلگەن.

بۇ قېتىمقى مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈش 2025-يىللىق ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى ياشلار لوڭقىسى ۋە 2028-يىللىق لوس ئانژېلېس ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئىكەن. خىتاينىڭ U-19 دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى بۇ ئايدا چېڭدۇ شەھىرىگە بېرىپ مەركەزلىك مەشىقلەندۈرۈشكە تەشكىللىنىدىكەن ھەمدە 2024-يىللىق مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى خەلقئارا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن. ساھىبخانا مەيدانىدا ئاۋسترالىيە كوماندىسى، قىرغىزىستان كوماندىسى ۋە موڭغۇلىيە كوماندىسى بىلەن تۇتىشىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىمران مەمەت 2005-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى شەندۇڭ تەيشەن پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تەپمەكتىكەن. ئۇنىڭ ياخشى پاس بېرىش، كۈچلۈك مۇداپىئە قىلىش، بەدىنى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار ئىكەن.

خىتاي يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، جۈملىدىن تەنتەربىيەنىڭ ھەرخىل تۈرلىرىدە كۈچىنى نامايەندە قىلغان ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرماي كەلگەن. جۈملىدىن خىتاينىڭ جياڭسۇ سۇنىڭ پۇتبول كوماندىسى 2020-يىلى 1-ئايدا چېنىقىش ئۈچۈن دۇبەيگە بارىدىغان ئەزالارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندا، پەقەت ئۇيغۇر پۇتبولچى ئابدۇلھەمىدلا قالدۇرۇپ قويۇلغانىدى. ئۇندىن باشقا، تالانتلىق ئۇيغۇر پۇتبولچى ئېرپان ھېزىم 2018-يىلى 2-ئايدا خىتاي ئۆلكىسىدە توپ ئويناۋاتقان مەزگىلدە جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، كېيىن بۇ ۋەقە خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغانىدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى دەلىللەنمىگەن.

ئەمما خىتاي خەلقئارادا كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدە خىتايلارنىڭ رېكورتىنى بۇزۇۋەتكەن ئەلشىر ئۆمەرنى ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغانىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنۈپ قېلىشىنىڭ، سىياسىي پاناھلىق تىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا يول قويماي كەلگەن. بۇندىن بۇرۇن يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر پۇتبولچىنى ئۆز كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە چەت ئەلگە چىقىپ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا جازا لاگېرىغا قامىغانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 5118 قېتىم كۆرۈلدى
16/11/2024 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق