خىتاي تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارادا ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى نورمال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. بۇنىڭ جۈملىسىدىن بۇ يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى»نى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2024-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 5-نويابىردىن 15-نويابىرغىچە ئاتۇش شەھەرلىك پۇتبول باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن كەلگەن 12 پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتناشقان. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى كوماندىسى بىلەن قەشقەر يىپەك يولى ئۇششاق تاۋارلار شەھەرچىسى كوماندىسى 0:0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالغان ۋە نۇقتا توپتا ئاقسۇ جىنلۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى كوماندىسى 3:2 نەتىجە بىلەن، «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

بۇ يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىشىدا بىر قىسىم داڭلىق ناخشىچىلار بېرىپ كوللېكتىپ ناخشا ئېيتقان. خىتاي مۇسابىقىنىڭ جەريانىنى مەخسۇس سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، بارلىق ئورگان تاراتقۇلىرىدا ئالاھىدە خەۋەر قىلغان. ۋىدىيولاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاماشىبىنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، تەشكىللىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە كۈچەپ تەشۋىق قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش، شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە ئىشلارنىڭ نورمال داۋاملىشىۋاتقانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، بۇ مۇسابىقىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ پىلانلىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە تارقالغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنىڭ نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ خىتاي تەشۋىق قىلغىنىدەك ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4461 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2024 11:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق