ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ھەربىي ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئورتاقلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ھەربىي ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىننى تېخىمۇ ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلىشىگە يول ئېچىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن 18-نويابىر ھەربىي ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىنغا تەمىنلىگەن ھالقىلىق قوراللارغا ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە تېخنىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان. بۇ ھەرىكەت رايوندىكى ئورتاق بىخەتەرلىك خىرىسىغا دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن ۋە فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گىلبېرتو تېئودورو مانىلادا قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە «ھەربىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك كېلىشىمى»نى ئىمزالىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىرلەشمە جەڭ مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇداپىئە ۋە ھەربىي ئارىلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن.

بۇ فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوسنىڭ فىلىپپىننىڭ تاشقى مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىغا ماس قەدەمدە روياپقا چىققان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىشتىكى رايونلاردا خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىگە يەتكەن. فېردىناند ماركوس 8-نويابىر «فىلىپپىن دېڭىز-ئوكيان رايونى قانۇنى» ۋە «فىلىپپىن ئارىلى دېڭىزدا يۈرۈش قانۇنى»دىن ئىبارەت ئىككى قانۇننى ئىمزالىغان بولۇپ، مەزكۇر ئىككى قانۇن فىلىپپىننىڭ دېڭىز رايونىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەش، بايلىقلارنى ئېچىش ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەركەزلەشكەنىدى.

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كېلىشىم ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلغان، مەخپىي ھەربىي ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2362 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2024 11:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق