خىتاي بىلەن پاكىستان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى» مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى

خىتاي بىلەن پاكىستان بىرلىكتە بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 19-نويابىردىكى باياناتىدا پاكىستان بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا پاكىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي پاكىستاندىن خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ پاكىستاندا ئىشلەۋاتقان مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان ئەجەللىك ھۇجۇملاردىن قوغداشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار شىددەت بىلەن كۆپەيگەن بولۇپ، پاكىستان بۇ ھۇجۇملارنى پاكىستان تالىبانلىرى قوزغىغان، دەپ قارىغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 19-نويابىردىكى باياناتىدا پاكىستاننىڭ نويابىرنىڭ ئاخىرىدىن دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە «پالۋان-8» ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، مەزكۇر مانېۋىرغا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ غەربىي قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ خەۋەرلىرىدە: «ئىككى تەرەپ كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ كەسپىي ئارىلاشما بىرلەشمە مەشىقنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى ھەمدە ئەمەلىي ئۇرۇش جەريانىغا ئاساسەن بىرلەشمە پىلانلاش ۋە ئەمەلىي ھەربىي مانېۋىر تەشكىللەشنى پىلانلىدى» دېگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ئىشچىلىرىغا قارىتىلغان بىر قاتار ھۇجۇملار خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قاراش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. پاكىستان تەرەپمۇ كۈتۈلمىگەن تەرىقىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئەنئەنىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2426 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2024 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق