بېسىم ۋە جازالارغا قارىماي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودىسى داۋاملىق ئاشقان

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبلىك، خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە بىر قىسىم جازالارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى يەنىلا يۇقىرى ھالەتنى ساقلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 362 مىليارد 790 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28 ئاشقان. خەۋەردە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ خىتاي بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغانلىقى، داۋاملىق تۈردە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقى، 2023-يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق سەۋىيەدىن مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئېشىپ كەتكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى 10 ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېكسپورت قىممىتى 308 مىليارد 290 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.9 ئاشقان. ئىمپورت قىممىتى 54 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى 6-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا تاموژنىسىدا جەمئىي 3 مىليارد 560 مىليون دوللارلىق ئىمپورت مال تۇتۇپ قالغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان دەپ قارىلىپ، ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەنگەنىدى. ئىمپورت قىلماقچى بولغانلاردىن چوقۇم مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشقا چاقىرىپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، يەنىلا مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى داۋاملىق ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا ئەللىرىگە توسالغۇسىز يوللىنىپ تۇرغان. جۈملىدىن، بۇ يىل 8-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس، ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 10 مىڭ قېتىمدا ئېشىپ كەتكەن. پەقەت ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنايدىغان خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىلا 120 گە يەتكەن بولۇپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئەنگلىيە قاتارلىق 21 دۆلەتكە تۇتاشتۇرۇلغان.

بۇ خەۋەر 4751 قېتىم كۆرۈلدى
20/11/2024 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق