پاكىستان خىتايغا ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقان قوراللىقلارغا قارشى يېڭى ھۇجۇم قوزغىدى

پاكىستان ئارمىيەسى خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا قارشى ئەجەللىك زەربە بېرىۋاتقان بەلۇجىستان ئازادلىق تەشكىلاتىغا قارشى يېڭى ھۇجۇم قوزغىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى 19-نويابىر پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇب رايونى بەلۇجىستان ئۆلكىسىدىكى قوراللىق تەشكىلاتقا قارشى ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلانغان «ئەتراپلىق ھەربىي ھەرىكەت» باشلىنىشىنى تەستىقلىغان. بۇ ئۆلكە خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىكى مۇھىم رايون بولۇپ، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئايلاردا پاكىستان خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بىر قاتار ئەجەللىك ھۇجۇملارغا شاھىت بولغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ پاكىستاننى بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشكە چاقىردى ۋە سەيشەنبە كۈنى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا پاكىستانغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف ئىشخانىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفنىڭ سەيشەنبە كۈنى پۇقرالار ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى ئەتراپلىق ھەرىكەت قىلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا ھەرىكەتنىڭ بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرىكەتنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى بۇ گۇرۇپپىلارنى «بىگۇناھ پۇقرالار ۋە چەت ئەللىكلەرنى نىشانلاپ، خەۋپسىزلىك پەيدا قىلىپ، دۈشمەن تاشقى كۈچلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

باياناتتا بۇ ھەرىكەتنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقى ياكى بۇنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئىشلىتىشكە چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى، شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئېنىق دېيىلمىگەن. پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرلىكى ۋە ھەربىي تەرەپ ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ سوئاللارغا جاۋاب بەرمىگەن.

ئافغانىستان ۋە ئىران بىلەن چېگرالىنىدىغان بەلۇجىستان يەر شەكلى ئېگىز-پەس بولۇپ، بەلۇج مىللىتى ياشايدۇ. گەرچە بۇ ئۆلكىنىڭ بايلىقى مول بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىنتايىن نامرات ۋە تەرەققىياتتا پاكىستاننىڭ ئارقىدا قالغان. بەلۇجىستان ئىستراتېگىيەلىك گىۋادار پورتى، شۇنداقلا غەربتىكى ئالتۇن ۋە مىس كانى قاتارلىق خىتاي باشچىلىقىدىكى بىر قاتار ئاساسلىق تۈرلەرنىڭ ماكانى بولماقتا.

بەلۇجىستاندا يەرلىك مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تەشكىلاتلار بار ئىكەن. بەلۇجىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بەلۇجىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلماقتا. بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى يەنە خىتايدىن خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ۋە باشقا مەبلەغلەرنى چېكىندۈرۈشنى، شۇنداقلا خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ پاكىستاندىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالغان. پاكىستاننىڭ ئىران بىلەن چېگرالىنىدىغان بەلۇچىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئىران زېمىنىدىكى پاناھگاھلاردىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنى پىلانلاپ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى، ئەمما ئىران دائىرىلىرى بەلۇجىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرى پاكىستان ۋە بەلۇچىستاندىن ئۆتۈپ ئەرەب دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان گۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ رايونغا يول سالغاندىن باشقا، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرغان. مەزكۇر قۇرۇلۇشلار ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىقى سەۋەبلىك، يەرلىك ئاھالىلەر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ داۋام قىلىشىغا قاتتىق نارازى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1561 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2024 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق