ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ياپونىيە-خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانى 21-نويابىر لائوسنىڭ پايتەختى ۋىيېنتياندا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا گېن ناكاتانى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ياپونىيە ئەتراپىدىكى پائالىيەتلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆھبەتتە يەنە خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبا ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مۇئەييەنلەشتۈرگەن «ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ مۇداپىئە ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلغان. بۇ ياپونىيە بىلەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ يېڭى مۇداپىئە ۋەزىرى ناكاتانى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت ئىكەن.

سۆھبەتنىڭ بېشىدا، ناكاتانى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «مۇداپىئە ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە ۋە ئالاقىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن.

سۆھبەت داۋامىدا خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن ياپونىيەنىڭ تەيۋەن ۋە سېنكاكو ئارىلىدىكى ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يۈزتۇرانە سۆھبەتنىڭ خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ۋە رايون تىنچلىقىدا زور ئەھمىيىتى بارلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1744 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2024 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق