خىتاينىڭ زور بىر تۈركۈم شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 22-نويابىر يەنە 29 خىتاي شىركىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەك تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر قارا تىزىملىكىنىڭ ئەڭ زور كۆلەمدە كېڭەيتىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىرغا قەدەر جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، يېڭىدىن قوشۇلغان 29 خىتاي شىركىتىگە قارىتىلغان ئىمپورت چەكلىمىسى 25-نويابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلىنىدىكەن. بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى ئىچىدە ئالاقىدار قانۇننى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېڭىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر بولۇپ، ئاليۇمىن، لىتىي ۋە باشقا مېتاللارنى قېزىش، تاۋلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەرمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئالېھاندرو مايوركاس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بەزى ئورگانلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز، ئەمما بۇ ھېچقاچان ھازىرقىدەك قاتتىق بولۇپ باقمىغان» دېگەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» 2022-يىلى 6-ئايدا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن تارتىپ بۇ يىل 1-نويابىرغىچە تەخمىنەن 36.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئىمپورت مال ئامېرىكا تاموژنىسىدا تۇتۇپ قېلىنغان ياكى قىسقا مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلغان.

بۇ خەۋەر 1875 قېتىم كۆرۈلدى
23/11/2024 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق