خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبلىك، خىتايدا خىزمەت تېپىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن خىتاي ياشلىرى چەت ئەلگە قېچىشنى پىلانلىماقتىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوقۇش پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرى ئۆز كەسپىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپالمايۋاتقان بولۇپ، باشقا تۈردىكى خىزمەتلەرگە ئورۇنلىشىشى تېخىمۇ قىيىن ئىكەن. بۇ سەۋەبلىك بەزىلىرى تاماق يەتكۈزۈش خىزمىتىنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ياشلىرى خىزمەت تېپىشنىڭ تەسلىكى سەۋەبىدىن، چەت ئەلگە چىقىش پۇرسىتى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.
نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى داۋاملىق ناچارلاشقان بولۇپ، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئالدىنقى ئايدا ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى سەل تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇدا تۆت ئاي %17 تىن يۇقىرى بولغان.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 12 مىليون 222 مىڭغا يېتىپ، يېڭى رېكورت يارىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىلغا سېلىشتۇرغاندا 430 مىڭ ئادەم كۆپ ئىكەن. بۇ ئەھۋال خىزمەت بىلەن تەمىنلەش بازىرىغا تېخىمۇ زور بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن. نۇرغۇن خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ياشلارنىڭ چىقىش يولى تېپىش ئۈچۈن خىتايدىن ئايرىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ