خىتاينىڭ خاككېرلىق ھۇجۇملىرى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا

خىتاينىڭ خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ۋەزىيەت ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى 22-نويابىر ئاقسارايغا چاقىرىلغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ۋە خىتاي خاككېرلىرىنى ئامېرىكا ئالاقە تورىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن قانداق ئۇسۇلدا قوغلاپ چىقىرىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى ھەربىي ئىستىخبارات ئىشخانىسى تەشكىللىگەن مەزكۇر يىغىندا ئەمەلدارلار خاككېرلىق توغرىسىدا بايقىغان ئۇچۇرلىرى سەۋەبىدىن بارغانسېرى ئەنسىزلىككە چۈشكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، «تەيفېڭ بورىنى» ناملىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ تورىدا بىر يىلدىن كۆپرەك يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇپ، بۇ خاككېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «قانۇنلۇق توسۇش» سىستېمىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىنىدىغان تېلېفون نومۇرلىرىنىڭ تولۇق تىزىملىكىگە ئېرىشكەن. بۇ سىستېما ئادەتتە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغاندىن كېيىن، جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياكى جاسۇسلۇق قىلغان دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىلەرنى نازارەت قىلىدىكەن.

گەرچە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي جاسۇسلىرى بۇ يانفونلارنى نازارەت قىلدى، دەپ قارىمىسىمۇ، ئەمما خاككېرلار تېلېفون نومۇرلىرىنى ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىنىۋاتقانلارنىڭ تەپسىلىي ئىستىىخبارات ئۇچۇر سېخىمىسى ھاسىل قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل سىڭىپ كىرىش خىتاينى يول خەرىتىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ قايسى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنى بايقىغانلىقى ۋە قايسىسىنى تېخى بايقىيالمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

دەسلەپتە ئەمەلدارلار بۇ خىتاي خاككېرلىق ھەرىكىتىنى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى رايون بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان. ئەمما ھازىر ئۇلار خىتاينىڭ يانفون تورىدىكى كونا ياكى ئاجىز كىرىش نۇقتىلىرىنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خاككېرلار تېلېفون شىركەتلىرىنىلا ئەمەس، ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىمۇ نىشانلىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئېلخەت مەزمۇنلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا يول ئاچىدىكەن.

مەزكۇر خەۋەر ئون نەچچە ئامېرىكا ئەمەلدارى ۋە شىركەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار خاككېرلىق ھۇجۇمى ۋە سەزگۈر ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى سەۋەبلىك ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2396 قېتىم كۆرۈلدى
26/11/2024 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق