ئامېرىكا Temu نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ئامېرىكا خىتاي ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى Temu نىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى قانۇنسىز نازارەت قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركىتى چەكلەش بۇيرۇقىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

«نىيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ 26-نويابىردىكى مەخسۇس خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى خىتاي ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى Temu ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي شىركىتى ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئابۇنىتلارنى قانۇنسىز نازارەت قىلىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئەگەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان تەقدىردە، Temu ئامېرىكا بازىرىدا ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر Temu نىڭ ئامېرىكىدا بازار باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن باھادا سودا قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ خىل سودا پائالىيىتى ناتوغرا سودا رىقابىتىگە چېتىلىپلا قالماي، بەلكى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنىڭ بارلىقىمۇ ئەندىشە قوزغايدىكەن.

دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، Temu ئۈستىدىن تەكشۈرۈش نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتى تېخى ماھىيەتلىك تەدبىر قوللانمىغان. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا يۈرگۈزگەن 29 خىتاي شىركىتى قاتارىغا Temu كىرگۈزۈلمىگەن.

بۇ تەكشۈرۈشنىڭ قانۇنىي ئاساسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» بولۇپ، مەزكۇر قانۇن تىرامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان، 2021-يىلى پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن تەرىپىدىن ئىمزالانغان ۋە 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان رايونىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشى ئېنىق چەكلەنگەن.

ئەگەر بىر شىركەتنىڭ مەزكۇر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئېنىقلانسا، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئامېرىكا بازىرىدا ھەر قانداق مەھسۇلاتنى سېتىشى مەنئى قىلىنىدىكەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىگە قارشى قوللانغان ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

Temu 2022-يىلى بازارغا كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئۆي جاھازلىرى، كىيىم-كېچەكلەردىن تارتىپ ئاچقۇچ ھالقىلىرىغا بولغان چوڭ-كىچىك ھەرخىل مەھسۇلاتلارنى بازار باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن باھادا سېتىش ئارقىلىق، خېرىدارلىرىنى كۆپەيتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2109 قېتىم كۆرۈلدى
27/11/2024 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق