ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا قارىتىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى دەرىجىسىنى بىر دەرىجە تۆۋەنلەتتى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 27-نويابىر خىتايغا قارىتىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەسلىدىكى ئۈچىنچى دەرىجىدىكى «ئېھتىياتچانلىق بىلەن ساياھەت قىلىشنى ئويلىشىش»دىن ئىككى دەرىجىدىكى «ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش» دەرىجىسىگە تۆۋەنلەتكەن.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارى خىتايدا ئۇزۇن يىل قاماقتا تۇرغان ئۈچ ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن كېيىن چىقىرىلغان. نۆۋەتتە خىتاي ۋە خوڭكوڭنى ساياھەت قىلىش ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى 2-دەرىجە بولۇپ، ئاۋمېننىڭ ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى يەنىلا 3-دەرىجىدە تۇرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ يالغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خاتا باھانى بالدۇرراق تەڭشىشى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان پۇتلىكاشاڭنى يوقىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ