مالايشىيادا زىيارەت بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن باش كاتىپ ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى 3-دېكابىر مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشتى.
ھەيئەت مالايشىيا ئاكادېمىيەسى مەرىپەت تەشكىلاتى (WADAH) تەشكىللىگەن «20-ئەسىردە مالاي دۇنياسىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم مۇھەممەد ناتسىرنىڭ كىتابلىرىنى تونۇشتۇرۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ھەيئەت بۇ جەرياندا باش مىنىستىر ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشكەن.
ھەيئەت بۈگۈن يەنە مالايشىيا پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ھەيئەت بۇ جەرياندا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تۇئان سيېد ئىبراھىم سيېد نوھ، دوكتور مۇھەممەد تاۋفىق بىن جوھارى، تۇئان جىممىي پۇئان ۋېې تىسې ۋە تۇئان سۇھايزان بىن قايىئات قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
ھەيئەت بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى، خەلقنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلارغا كەڭ كۆلەمدە قاماپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك ئىنسانىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتنى سۇندى.
ھەيئەت يەنە مالايشىيا پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بويىچە بىر گۇرۇپپا تەشكىللەش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغاندىن باشقا، مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرىنى قوللاش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.
ھەيئەت 4 -دېكابىر مالايشىيا پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، پارلامېنت رەئىسى ياڭ دى پېرتۇئا دېۋان راكيات، تەن سىرى داتو جوھارى ئابدۇل، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داتو سىرى سەيفۇددىن بىن ئابدۇللا ۋە مالايشىيا ئىسلام پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تۇئان ھاجى ئابدۇللەتىف بىن ئابدۇراھمان، تۇئان ئەھمەد تارمىزى بىن سۇلايمان ۋە پارتىيە ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
ھەيئەت بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مالايشىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىنى، شۇنداقلا مالايشىيا زىيارىتىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە كېڭەشكەن ھەمدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مالايشىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
ھەيئەت زىيارىتى داۋامىدا يەنە مالايشىيا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور موھد مىزان بىن مۇھەممەد ئەسلام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشىغا قولايلىق شارائىت ھازىرلاش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
ھەيئەت 5-دېكابىر مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەھمەد ئەززام ئابدۇراھمان بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، مىنسىتىر مەسلىھەتچىسى ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالغان. ئۇلار سۆھبەت جەرياندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى، خەلقنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلارغا كەڭ كۆلەمدە قاماپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مالايشىيا ۋە باشقا ئىسلام دۇنياسىنىڭ رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي مۇنبەرلىرىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ