«رابىيە قادىر سودا سارىيى»نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان ئۈرۈمچىدىكى مەشھۇر بىنا «رابىيە قادىر سودا سارىيى» ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى «ئەقىدە سودا سارىيى»نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم ئالدىنقى ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۈرۈمچىدىكى «رابىيە قادىر سودا سارىيى»نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى كۆزەتكەن بولسىمۇ، مەزكۇر سودا سارىيىنىڭ چېقىلغانلىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق سۈرەت ياكى سىن ئۇچراتمىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، «رابىيە قادىر سودا سارىيى»نىڭ 29-نويابىر چېقىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.

مەزكۇر سودا ساراي 90-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر تۈركۈم كارخانىچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ھەر جەھەتتىن تۈرتكە بولغان ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ باققان بارلىق ئۇيغۇرلار بىلىدىغان مەشھۇر بىنا بولۇپ كەلگەن. خىتاي رېجىمى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن كېيىن، بىنانىڭ ئىگىسى رابىيە قادىر خانىمنى مەزكۇر ۋەقەنىڭ پىلانلىغۇچىسى دەپ تۆھمەت چاپلاپ، مەزكۇر سودا سارىيىنى پېچەتلىگەنىدى.

بۇ خەۋەر 4086 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2024 19:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق